Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 5

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

رىۋايەت قىلىنغان مەنبە

بىر سەھرالىق كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مېنى ئەمەل قىلسام جەننەتكە كېرىشىمگە سەۋەپ بولىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويسىلا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىلغىن، پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلغىن، ماللىرىڭنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلغىن، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتقىن» دېدى، ئۇ كىشى: مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! بۇنىڭدىن ئارتۇق قىلمايمەن دەپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشىگە قاراپ خۇرسەن بولۇشنى خالايدىغان كىشى بۇ كىشىگە قارىسۇن»دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئۇلاغ مىنگۈچى پىيادە ماڭغۇچىغا، پىيادە ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز ئادەملەر كۆپ ئادەملەرگە سالام بېرىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قېرىندىشىڭنى ئۇ ياقتۇرمايدىغان سۆز بىلەن زىكىر قىلىشىڭ»دېدى، بەزىلەر: ئەگەر ئۇنىڭ ھەققىدە دېگەن سۆزۈم راست بولسا (يەنى ئۇ كىشىدە تىپىلسا) قانداق بولىدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۇنىڭ توغرىسىدا دېگەن سۆزۈڭ راست بولسا، غەيۋەت قىلغان بولدۇڭ، راست بولمىغان بولسا ئۇنىڭغا بۆھتان قىلغان بولدۇڭ دېدى».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئالغاندا، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئېچىگە تارتىپ بۇرنىنى تازىلاپ سىرتقا چىقىرۋەتسۇن، ئىستىنجا قىلغان كىشى تاق قىلسۇن، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، قولىنى تاھارەت ئالىدىغان سۇ بار قاچىغا سىلىشتىن بۇرۇن قولىنى ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ كىشى قولىنىڭ كېچىدە قەيەرلەردە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ». مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، قولىنى ئۈچ قېتىم يۇماستىن تاھارەت ئالىدىغان سۇ بار قاچىغا كىرگۈزمىسۇن، چۈنكى ئۇ كىشى قولىنىڭ كېچىدە قەيەردە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ» دېيىلگەن.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەققى بەشتۇر، سالامغا جاۋاپ بېرىش، كېسەل بولسا يوقلاش، جىنازىسىغا ئەگىشىش، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش ۋە چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن