Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 11

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

بىر سەھرالىق كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مېنى ئەمەل قىلسام جەننەتكە كېرىشىمگە سەۋەپ بولىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويسىلا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىلغىن، پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلغىن، ماللىرىڭنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلغىن، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتقىن» دېدى، ئۇ كىشى: مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! بۇنىڭدىن ئارتۇق قىلمايمەن دەپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشىگە قاراپ خۇرسەن بولۇشنى خالايدىغان كىشى بۇ كىشىگە قارىسۇن»دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئۇلاغ مىنگۈچى پىيادە ماڭغۇچىغا، پىيادە ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز ئادەملەر كۆپ ئادەملەرگە سالام بېرىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشى بىلەن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ، يولدا ئۇچرىشىپ قالسا، بىرى ئۇ تەرەپكە يەنە بىرى بۇ تەرەپكە قاراپ ئۆتۈپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ. ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەڭ ياخشىسى دەسلەپتە سالام قىلغىنىدۇر».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئالغاندا، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئېچىگە تارتىپ بۇرنىنى تازىلاپ سىرتقا چىقىرۋەتسۇن، ئىستىنجا قىلغان كىشى تاق قىلسۇن، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، قولىنى تاھارەت ئالىدىغان سۇ بار قاچىغا سىلىشتىن بۇرۇن قولىنى ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ كىشى قولىنىڭ كېچىدە قەيەرلەردە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ». مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، قولىنى ئۈچ قېتىم يۇماستىن تاھارەت ئالىدىغان سۇ بار قاچىغا كىرگۈزمىسۇن، چۈنكى ئۇ كىشى قولىنىڭ كېچىدە قەيەردە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ» دېيىلگەن.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر كېچىسى ياتىدىغان ئورنىغا كەلگەندە، ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا سۈپلەپ ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ئاندىن ئىككى ئالقىنى بىلەن بەدىنىدىن قولى يەتكەن جايلارنى سىلايتتى، ئالدى بىلەن بېشىنى، يۈزىنى، بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلايتتى، بۇنى ئۈچ قېتىم قىلاتتى.
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: باشقىلارغا تائام بېرىشىڭىز، سىز تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام قىلىشىڭىز، دەپ جاۋاب بەرگەن
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«مۇسۇلمان دېگەن: مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىل ۋە قولىدىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەردىن سالامەت قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن: ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
مەن بىر سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بولغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۆتۈكىنى سالدۇرۇشقا تەمشەلسەم، رەسۇلۇللاھ:«قويۇپ قويغىن، مەن ئۇ ئىككىسىنى تاھارەت بىلەن كىيگەن ئىدىم دەپ، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلدى».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن