عربي - Arabic English Qafár af - Afar Afrikaans - Afrikanns Akan Shqip - Albanian አማርኛ - Amharic Հայերեն - Armenian অসমীয়া - Assamese Azərbaycanca - Azerbaijani Bamanankan - Bambara Bassa Bemba বাংলা - Bengali Bosanski - Bosnian Български - Bulgarian မြန်မာဘာသာ - Burmese Bisaya - Cebuano Cham Нохчий - Chechen chiCheŵa - Chewa 中文 - Chinese Адыгэбзэ - Circassian Hrvatski - Croatian Česky - Czech Dagbani Dansk - Danish فارسی دری - Dari Dendi ދިވެހި ބަސް - Dhivehi Nederlands - Dutch إستوني - Estonian Suomi - Finnish Français - French Fulfulde - Fula ქართული - Georgian Deutsch - German Ελληνικά - Greek ગુજરાતી - Gujrati Kreyòl ayisyen - Haitian Creole Hausa हिन्दी - Hindi Magyar - Hungarian Igbo Indonesia - Indonesian Italiano - Italian 日本語 - Japanese Jóola - Jola ಕನ್ನಡ - Kannada Қазақша - Kazakh ភាសាខ្មែរ - Khmer Kikuyu Ikinyarwanda - Kinyarwanda Ikirundi - Kirundi 한국어 - Korean كوردی سۆرانی - kurdish كوردي kurmancî - Kurmanji Kyrgyz ລາວ - Lao latviešu - Latvian Lingala lietuvių - Lithuanian Luganda Македонски - Macedonian Maguindanaon Malagasy - Malagasy Bahasa Melayu - Malay മലയാളം - Malayalam Mandinka मराठी - Marathi Mõõré - Moore नेपाली - Nepali أنكو - NKo Norwegian ଓଡ଼ିଆ - Odia oromoo - Oromo پښتو - Pashto فارسی - Persian Polski - Polish Portuguese ਪੰਜਾਬੀ - Punjabi Română - Romanian Русский - Russian Српски - Serbian Shona සිංහල - Sinhala Slovenščina - Slovenian Soomaaliga - Somali Soninke Sesotho - Sotho Español - Spanish Kiswahili - Swahili Svenska - Swedish Tagalog Тоҷикӣ - Tajik தமிழ் - Tamil తెలుగు - Telugu ไทย - Thai ትግረኛ - Tigrinya Türkçe - Turkish Ukrainian اردو - Urdu ئۇيغۇرچە - Uyghur Ўзбек - Uzbek Việt Nam - Vietnamese Wolof Yao Yorùbá - Yoruba Zarma زولو - Zulu
251 ھەدىس
پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى
تۈرلەر
ھەدىسنىڭ دەرىجىسى
رىۋايەت قىلىنغان مەنبە
راۋىي
بارلىق راۋىيلارنى كۆرسىتىش (14)
«چېلىشىشتا يېڭىۋالغان كۈچلۈك ئەمەس، بەلكى ھەقىقى كۈچلۈك دېگەن ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشىدۇر».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قەبىرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى(يەنى سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمايتتى) يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى»، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خورمىنىڭ بىر تال ھۆل شېخىنى ئىلىپ ئوشتۇپ ئىككى پارچە قىلىپ ھەر بىر قەبىرگە بىر تالدىن سانچىپ قويدى. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇنى نېمە ئۈچۈن قىلدىلا؟ دەپ سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«بۇ ئىككى شاخ قۇرۇپ قالمىغان مۇددەتتە ئۇلاردىن ئازاب يەڭگىللەمدىكىن دېگەن ئۈمىتتە شۇنداق قىلدىم» دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولىدىكەن ئۇ چىرايلىق بولىدۇ، ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولمايدىكەن ئۇ قەبىھتۇر».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىك بالىنىڭ ياكى چوڭلارنىڭ بولسۇن بېشىنىڭ چېچىنىڭ بەزى جايلىرىنى ئالدۇرۇپ بەزى جايلىرىنى قويۇپ قويۇشتىن چەكلىگەن».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن سەپەردە ئۇلۇغىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، ماڭا سەپەرنى داۋاملاشتۇرغىلى بىر ئۇلاغ ياردەم قىلسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ يېنىمدا ھېچ نەرسە يوق» دېدى، ساھابىلاردىن بىرى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ئۇنى سەپەرگە يولغا سېلىپ قويىدىغان كىشىنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياخشىلىققا باشلاپ قويغان كىشى ياخشىلىقنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ دېدى».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغىنى ھەقسىز جىدەل قىلغۇچىدۇر».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ناچار سۆز-ھەرىكەتلەر سادىر بولمايتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاراڭلاردىكى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلار».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەنبەر ئەلەيھىسسالام: «ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يەتتە تۈرلۈك ئىشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەندە، سەھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ نېمىلەردىن ئىبارەت؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىرگەرلىك قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، ئۇرۇش مەيدانىدىن بۈرۈلۈپ قېچىش، ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز، پاك ئىپپەتلىك مۇئمىنە ئايالغا بۆھتان چاپلاش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن