مقدمة وغلاف المنتقى من موسوعة الأحاديث النبوية

مقدمة وغلاف المنتقى من موسوعة الأحاديث النبوية

ناھايىتى شەپقەتلىك دائىمى مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

Language: lang_ug
Prepared by:
Version: 1.0
Translations 63
Akan Amharic Assamese Azerbaijani +59
Attachments 7
PDF
Audio
Video
+3

ناھايىتى شەپقەتلىك دائىمى مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

كېرىش سۆز

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن.

مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمنى تەلىم ئالغاندىن كېيىن ئوقۇش، پىكىر قىلىش ئۈگىنىش ۋە ئۈگىتىش قاتارلىق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، شۇنداقلا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق ئىشلار ئەڭ زۈرۈر بولغان كاتتا ئىشلاردىندۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىدىن ئىبارەت ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلساڭلار ئەبەدىي ئېزىپ كەتمەيدىغان ئىككى نەرسىنى قويۇپ كەتتىم». [ئىمام مالىك رىۋايىتى]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار». [سۈرە ھەشىر 7-ئايەت]. شۇنىڭ ئۈچۈن رەبۋە رايۇنلۇق دەۋەت تەشۋىقات جەمئىيتى ئىسلامى مەزمۇنلارنى تۈرلۈك تىللارغا تەرجىمە قىلىشنى زۆرۈر دەپ قاراپ، ھەدىس شېرىپ ئېنسكلوپېدىيەسىنى ھازىرلاپ نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلدى.

بۇ ھەدىس ئېنسكلوپېدىيەسى مۇسۇلماننىڭ دىنى ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولىدىغان تاللانغان ھەدىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئۇ ھەدىسلەرنىڭ مەنىسى روشەن بايان قىلىنىپ، ئەھمىيىتى چۈشەندۈرۈلدى ۋە بەزى پايدىلىرى بايان قىلىندى. كىتاپ بۇ ماۋزۇ بىلەن چېقىرىلدى: «ھەدىس شېرىپ ئېنسكلوپېدىيەسىدىن تاللانمىلار» تەرجىمە خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولغانلار، بۇ ھەدىسلەرنى ھازىر دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ھەر قايسى تىللاردا يەتكۈزۈشنى ۋە پايدىسىنىڭ ئومۇمى بولىشىنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالادىن بىزنىڭ قىلغان مۇشۇ خىزمەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى، بۇ خىزمەتنى خالىس ئۆزىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلىشنى ، بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش، تەرييارلاش ۋە نەشىر قىلىش جەريانىدا ماددىي ۋە مەنەۋىي جەھەتتىن ياردەمدە بولغانلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەجرى ئەزىم ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

قىسقىچە ئېنىقلىما

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بولسا ئىسلام شەرىئىتنىڭ ئىككىنچى مەنبەسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ» «پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ». [سۈرە نەجم 3-4-ئايەتلەر].

ھەدىس ئېنسكلوپېدىيەسىدىن تاللانغان بۇ ھەدىسلەر توپلىمى مۇسۇلماننىڭ دىنى ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولغان ھەدىسلەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارغا ھەدىس توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش، مەنىسىنى روشەنلەشتۇرۇپ بېرىش، ، ئەھمىيىتى ۋە پايدىلىرىنى بايان قىلىش ۋە ئۇنى دۇنيا تىلىلىرىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ھەر قايسى تىللاردا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.